http://hslt.blogbus.com/ خىسلەت بلوگى خىسلەت بلوگى
  •  

     

     

       

    ئاياللارنىڭ تەلىۋىنى مۇنداق قاندۇرۇڭ

    1.ئاياللار ئىنتايىن سەزگۈر ھەم گۇمانخور كىلىدۇ.ئەرلەردىن تەلەپ قىلىدىغىنىمۇ كۆپرەك بولىدۇ.بىراق سىز سەل ئەقىللىق بولسىڭىز ئۇنىڭ بۇ مىجەزىنى كونتۇرۇل قىلالايسىز،يەنى ئىشىكتىن چىققۇچە ئۇنىڭ مەڭزىگە يىنىك سۇيۇپ خۇشلاشسىڭىز ،ئۆيگە كىرگەندىن كىيىن يىنىك قۇچاغلاپ قويسىڭىز،بۇ ئۇنى قەۋەتلا تەسىرلەندۈرىدۇ؛
     2.ھىچ ئىشتىن ھىچ ئىش يوق ئايالىڭىزغا ھومايماڭ.بىر ئەر ئۈچۈن بۇ بەكمۇ سەت ئىش.چۈنكى سىز ئالدىراش خىزمەت قىلىۋاتقان ۋاقتىڭىزدا ئايالىڭىزمۇ ئوخشاشلا خىزمەت قىلىدۇ،ئىشتىن چۈشكەندىن كىيىن سىز ھاردىم دەپ سافادا ئولتۇرغىنىڭىزدا ،ئۇ يەنىلا ئالدىراش ئۆي ئىشلىرىنى قىلىدۇ؛
     3.ئەرلەر ئۈچۈن خىزمەت بىلەن كەسىپ مۇھىم،ئاياللار ئۈچۈن ئائىلە بىلەن ئەر مۇھىم.شۇڭا ئايالىڭىزنى دوسلىرى ئالدىدا چوقۇم ئۆزىڭىزنىڭ ئۇنى بەكمۇ ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭىزنى ئىپادىلەپ تۇرۇڭ؛
     4.ئەرلەر چىرايلىق قىزلارغا قاراشنى ياخشى كۆرگەنگە ئوخشاش ئاياللارمۇ قاملاشقان ئەرلەرگە قاراپ قويىدۇ،شۇڭا ئۇنى سەۋەپسىز كۈنلىمەڭ.ئىسىڭىزدە بولسۇنكى،سىزلا ئۇنى خوشال قىلسىڭىز ،ئۇنى قەدىرلىسىڭىز،ئو ھەرگىز باشقا ئەرلەرگە كۆز قىرىنىمۇ سالمايدۇ؛
     5.ئايالىڭىز كۆيىنىشىڭىزگە مۇھتاج،ئۇ سىزنىڭ ئاچچىغىڭىزنى چىقىرىدىغان ئەرمىكىڭىز ئەمەس،شۇڭا ئۇنىڭغا ھەرگىز قول تەككۈزمەڭ.ئەگەر ئۇنى ياخشى كۆرمەس بولۇپ قالسىڭىز چىرايلىقچە ئۇنىڭدىن ئايرىلسىڭىز بولىدۇ،بىراق تىرىك تۇرۇپ ئۇنى ئازاپلىماڭ؛
     6.ئاياللار ئەرلەرنىڭ<<ئەرلىك ئۈستۈنلىكى>>نى ياخشى كۆرىدۇ،بىراق چەكتىن ئاشۇرۋەتمەسلىكىڭىزنى ئۈمۈد قىلىدۇ؛
     7.ئائىلە مەڭگۈ بىرىنجى ئورۇندا تۇرىدۇ،شۇڭا خىزمىتىڭىز ھەرقانچە ئالدىراش بولسىمۇ ئائىلىنىڭ بارلىق ئىشلىرىنى ئايالىڭىزغا يۈكلەپ قويماڭ،زادى يىتىشىپ بولالمىسىڭىز،چىرايلىق سۆزلەر بىلەن ئۇنىڭغا تەسەللىي بىرىڭ؛
     ئىككى ئادەم بىرگە ياشىغاندا مۇھىمى سەمىمىيلىك،ئەپۇ قىلىش،چۈشىنىش.شۇڭا ئۇنى چۈشىنىڭ،ھۆرمەتلەڭ.چۈنكى ئۇ سىز ياخشى كۆرگەن،سىز سۆيگەن،سىزنىڭ خىزمىتىڭىزنى ۋايسىماي ئىشلەپ كىلىۋاتقان ئايال.
     
     مەنبە: قانۇنچىلىق گېزىتى

     
  • ئامېرىكىلىق 680 جىڭ كېلىدىغان بودەك ئايال ئاشپەز بىلەن توي قىلىشقا پۈتۈشتى

       دۇنيا بۇيىچە ئەڭ سېمىز ئايال بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان ئامېرىكىلىق 33 ياشلىق ئايال سۇزاننا ئىمان ( Susanne Eman ) نىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتقان بولۇپ، ھازىر تەخمىنەن 343 كلوگىرامغا يەتتى. بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىشتىن باشقا يەنە يېقىندىن بۇيان ئۇنى تېخىمۇ خوشال قىلغان بىر ئىش شۇكى، ئۇ توردا تونۇشقان 35 ياشلىق ئاشپەز يىگىت پاكىر كلاك ( Parker Clack ) بىلەن توي قىلىشقا پۈتۈشتى. سۇزاننا شېرىن مۇھەببەتكە ئېرىشىش بىلەن بىرگە يەنە ئۆزىگە ئېسىل تاماقلارنى ئېتىپ بېرەلەيدىغان يۆلەنچۈك ھەمراھقا ئېرىشتى. ئۇ بولغۇسى يولدىشىنىڭ ياردىمىدە ئۆزىنىڭ كۆزلىگەن ئارزۇسىغا ئاخىرى يېتىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

       بولغۇسى يولدىشى ھەققىدە توختالغاندا ئىككى بالىغا ئانا بولغان سۇزاننا بەخت تۇيغۇسىغا چۈمگەن ھالدا: ” مەن تاماق يىيىشكە ئامراق، ئۇ تاماق ئېتىشكە ئامراق، بىز خۇدا قوشقان بىر جۈپلەر “ دەيدۇ، ئۇ يەنە سەمىمىلىك بىلەن بولغۇسى يولدىشىنىڭ ئاشپەزلىك ھۈنىرىنىڭ ئۆزىنى مەپتۇن قىلغانلىقىنى، ئېسىل تاماقلارنى ئېتەلەيدىغان بىر ئەر كىشىنىڭ توي تەلىپىنى رەت قىلىشقا ئاجىز كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ:  ” ئۇ ئەتكەن ئىتالىيە شوخلا ئۈگرىسىنى مەن ئەڭ ياقتۇرىمەن، كۈندە نەچچە ۋاق يىسەممۇ زېرىكمەيمەن. “


       تېخىمۇ ھەيران قالارلىقى شۇكى، بولغۇسى يولدىشى پاكىرمۇ سۇزاننانىڭ دۇنيا بويىچە ئەڭ سېمىز ئايال بولۇشىنى ناھايىتى قوللايدىكەن، كىشىلەرنىڭ گۇمانىغا قارىتا پاكىر چۈشەندۈرۈپ: سۇزاننانىڭ سەمىرىش پىلانىنى قوللاشتىكى مەقسىدىم، ئۇنى تېخىمۇ خوش قىلىش دىگەن. ئۇ يەنە سۇزاننانىڭ يىمەك- ئىچمىكىگە ئۆزىنىڭ مەسئول بولغانلىقىنى، ھازىر بۇرۇنقى تاماق تىزىملىكىدىن بىر قىسىم گۆش تۈرلىرىنى بارا- بارا چىقىرىۋېتىپ، بەدەننى تېخىمۇ تەڭپۇڭلاشتۇرۇش رولىغا ئىگە باكون، تۇخۇم، بەرەڭگە، بولكا يەنە مىۋە سالات قاتارلىقلارنى كىرگۈزگەنلىكىنى ئېيتقان. پاكىر يەنە: ” بىز بەدەن تەكشۈرۈش قىلغاندىن كىيىن دوختۇر ئۇنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى، دوختۇرنىڭ قارىشىچە ئۇنىڭ سەمىرىش جەريانىدا چوڭ مەسىلە بولمىسىلا، مەن چۇقۇم ئۇنى ئارزۇسىغا يېتىشكە ئىلھاملاندۇرىمەن“ دىگەن.
       خەۋەرلەرگە قارىغاندا، سۇزاننا بۇزماقچى بولغان بەدەن ئېغىرلىقى رىكورتى 727 كلوگىرامنى كارول يېگىر ساقلاپ كەلگەن، كارولنىڭ زىيادە سېمىزلىكى ئۇنىڭغا بەختسىزلىك ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇ سېمىزلىك كەلتۈرۈپ چىقارغان بۆرەك ئىقتىدارى چېكىنىش سەۋەبلىك 1994- يىلى قازا قىلغان. شۇ سەۋەبتىن نۇرغۇن كىشىلەر سۇزاننانى ھاياتىنى دوغا تىكمەسلىك ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان بۇلسىمۇ، بىراق سۇزاننا ساغلاملىققا پايدىلىق يىمەكلىكلەرنى كۆپرەك يەپ، بەدەن چېنىقتۇرۇش ئارقىلىق سېمىزلىك ئېلىپ كەلگەن ئاۋارىچىلىقلارنى ھەل قىلىدىغانلىقىنى، دائىم دوختۇرغا كۆرۈنۈپ، سىرتلارغا كۆپرەك چىقىپ تۇرىدىغانلىقىنى، زىيادە سېمىز كىشىلەر يولۇققان تەقدىردىن ساقلىنىشقا ئىشەنچى بارلىقىنى بىلدۈرگەن.

    ئادىرىسىنى كۆچۈرۋىلىپ دوسلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىڭ: http://alnuri.cn/article/html/hawar_1157.html



  • يېقىندا ئەسلىدە تاماشىبىنلارنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرۈشىگە ئېرىشكەن تېلېۋىزىيە تىياتىرى 《ئاقار يۇلتۇزنى بىللە كۆرەيلى》فىلىمىنىڭ مەسئۇلى يى لىيەن خېنىڭ مىكرو بىلوگىدا ئاشكارىلىشىچە بۇ يىل 《ئاقار يۇلتۇز3》ئىشلىنىدىغان بولۇپ كۆيۈپ يارىلانغان ئارتىس يۈ خاۋ مىڭ ئامېرىكىدا داۋالىنىپ كەلگەندىن كىيىن فىلىمدە داۋاملىق دۈەن مۇ لېي ئوبرازى بىلەن تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشىدىكەن .
    2009-يىلى جاڭ خەن ،جېڭ شۇاڭ قاتارلىق يىڭى ئارتىسلارنى مەيدانغا كەلتۈرگەندىن باشقا  يەنە بىر تۈركۈم ياش ئارتىسلارنىڭ فىلىم ھەققىمۇ نەچچە ھەسسە قاتلانغان. فىلىم ئىشلەش گۇرۇپپىسىنىڭ دېيىشىچە تەننەرخى قانچە يۇقىرى بولسىمۇ لېكىن ئەسلىدىكى كۆرۈش نىسبىتىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن 《ئاقار يۇلتۇز3》فىلىمىدە ئەسلىدىكى ئارتىسلار رولغا چىقىدىكەن . مۇخبىرنىڭ ئالدىن ئىگىلىشىچە 《مىنىڭ باھار بىلەن ئۇچرىشىشىم بار》دېگەن فىلىمدە كۆيۈپ يارىلانغان ئارتىس يۈ خاۋ مىڭ ئامېرىكىدا داۋالىنىپ ساقىيىش ئارقىلىق قايتا بىر قېتىم داۋاملىق رولغا چىقىدىكەن .
    بۇنىڭدىن بۇرۇنقى خەۋەرلەردە دېيىشىچە كۆيۈپ يارىلىنىش تۈپەيلى سەھنىدىن ۋاقتىنچە ئايرىلغان يۈ خاۋ مىڭ نىڭ كەيپىياتى ناچار ، سەنئەت ھاياتىنىڭ كەلگۈسىگىمۇ ئىشەنچى بولمىغان بولغاچقا ئۇنىڭ نۇرغۇن چوقۇنغۇچىلىرىمۇ بۇ تۈپەيلى ئەندىشىگە چۈشۈپ قالغان . فىلىم ئىشلەش گۇرۇپپىسىنىڭ ئۇنىڭ بۇ قېتىملىق جاپا - مۇشەققەتكە تولغان سەھنىگە قايتىش مۇساپىسىگە بولغان كۆز قارىشىچە ئۇنىڭ پوزىتسىيىمۇ ناھايىتى قەتئىي ۋە ئاكتىپ بولغان . ھازىرمۇ يەنىلا جىددىي ئەسلىگە كېلىش مەشىقىنى قوبۇل قىلىۋېتىپتۇ.
    تۇنجى فىلىم بىلەن بولغان ئارىلىقى بىر قەدەر ئۇزۇن بولغاچقا فىلىمدىكى ئارتىسلارنىڭ تاشقى قىياپىتىدىمۇ ئازراق ئۆزگىرىش بولىدىكەن ،تىياتىر ۋەقەلىكى 5 يىلدىن كېيىنكى يەنى ئۇلارنىڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىنكى تۇرمۇشى تەسۋىرلىنىدىكەن